Subscribe to our newsletter:

TIBBIYJAWHAR HD

Free
iPad
Genres:
  • News
  • Medical
I want this app
Download from AppStore

مەزكۇر ئەپ شىنجاڭ تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ۋە مېدىستىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆپ خىل تىلدىكى ئەپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان. بۇ بىزنىڭ تۇنجى ئەمگەك مىۋىمىز، كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس، شۇڭلاشقا كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ۋە ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى، ئىلمىي تەكلىپ- پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تېببىي جەۋھەر ئەپتە تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلالايسىز:
1. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيەسى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا ئىلمىي ساغلاملىق كۆز قارىشى تېكلىيەلەيسىز.
2. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمى ئاساسىدا تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن ئاددىي رېتسىپلار ئارقىلىق ئائىلىدە ئۆزىڭىزگە شىپالىق تاپالايسىز.
3. تېۋىب- ھەكىم بولسىڭىز كەسپىي جەھەتتىكى بىلىملىرىڭىزنى موللاشتۇرالايسىز.
4. تېببىي مەسلىھەت سەھىپىسى ئارقىلىق، ساقلىقنى- ساقلاش جەھەتتىن تېببىي مەسلىھەت سورىيالايسىز.
5. ئاناتومىيە، خام دورىلار، ئوزۇقلۇقلار، يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىڭىزگە ئائىت تېببىي ساۋادلاردىن خەۋەردار بولالايسىز.
6. شىركىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك فىلىم، ئەلبۇملار ئارقىلىق شىركىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىڭىزنى موللاشتۇرالايسىز.